- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە بىرلەشمە خىتابنامە ئىمزالىدى
2017.03.24 15:46 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مېرزايېف تۈنۈگۈن قازاقىستاندىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇردى. زىيارەت مەزگىلىدە قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى بىرلەشمە خىتابنامە قاتارلىق يەتتە خىل ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالىدى، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.
بۇ مېرزايېفنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇشى. قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېف شۇ كۈنى مېرزايېف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى، رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى كۈچەيتىش، چېگرا ھالقىغان بايلىق تەقسىماتى ۋە ئارال دېڭىزىنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر