باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ يېڭى زېلاندىيەدىكى زىيارىتىنى باشلىدى

2017.03.27 16:16   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ يېڭى زېلاندىيەدىكى زىيارىتىنى باشلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى زېلاندىيەنىڭ زۇڭلىسى بىل ئېنگىلىشنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شۇ جاي ۋاقتى 26-مارت چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ۋېللىڭتون خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا بېرىپ، يېڭى زېللاندىيەدىكى زىيارىتىنى باشلىدى. زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ خانىمى چېڭ خۇڭ بىرگە كەلدى.

  يېڭى زېللاندىيەنىڭ زۇڭلىسى ئېنگىلىش ۋە خانىمى مارىي ئېنگىلىش ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ئۆز ئارا تىنچلىق سورىشىپ، سەمىمىي پاراڭلاشتى. جۇڭگونىڭ يېڭى زېللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ۋاڭ لۇدەنمۇ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى يەنىلا ئاجىز بولۇپ، تەتۈر دۇنياۋىلىشىش ۋە قورۇقچىلىق خاھىشى باش كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. جۇڭگو-يېڭى زېللاندىيە ئەركىن سودىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلەر. ئىككى دۆلەت نەچچە يىل بۇرۇنلا باشلامچىلىق بىلەن ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇش، سودا، مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلىقلاشتۇرۇش ئاكتىپ سېگنالىنى ئورتاق تارقىتىشى كېرەك. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، يەنە مەزكۇر رايون ۋە دۇنيانىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە بىرلەشمە …
    ·شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر يېڭىدىن 38 تولۇق كۇرس كەسپىنى كۆپەيتتى
    ·بۇ يىل تارباغاتاي ۋىلايىتىدە يېڭىدىن 128 قوش تىل يەسلىسى سېلىنىدۇ
    ·«بالىلار دوختۇرى كەمچىل»لىك ئەھۋالىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل 20 ئالىي مەكتەپتە بالىلار كېسەللىكلىرى…
    ·2016-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان سوئالىنىڭ زور كۆلەمدە ئاشكارىلىنىپ كېتىش دېلوسىغا خۇبېيدا سوت ئېچ…
    ·نامرات ئوقۇغۇچىلار كەسپىي مائارىپ ياردىمىگە ئېرىشتى 
    ·ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئىستۇدېنتلارغا خىزمەت ئىزدەش ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىت…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېيجىڭدا قېلىش نىسبىتى ئۇدا تۆت يىل % 50تىن …
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا 5435 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·ئاپتونۇم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى «بىر يۈەن پۇل» قىيىنچىلىقى بارلارغا يا…