باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2017–يىللىق يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2017.03.27 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى قۇرۇلغان 16 يىلدىن بۇيان مەۋقەنى ئاسىياغا قويۇپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، ئاسىيا ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، ئاسىيا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو ساھىبخان بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇنبەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن خۇشال بولدى ھەم مۇنبەرنىڭ ئىلگىرىكى كېڭەش ئەزاسى، مەسلىھەتچى ئەزاسى ۋە ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ كۆرسەتكەن تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىلقى بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى يىللىق يىغىنىدا «دۇنياۋىلىشىشقا يۈزلىنىش ۋە ئەركىن سودىنىڭ كەلگۈسى» ئاساسىي تېما قىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بولۇپمۇ ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىنىڭ دۇنياۋىلىشىش مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى نامايان قىلىندى. يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئەزىز مېھمانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا ۋە رايون ئىقتىسادىي دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتىنى بېغىشلاپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر