باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2016-يىللىق يەر شارى كىنو بېلەت ئومۇمىي كىرىمىدە يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلدى

2017.03.24 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا كىنوچىلار جەمئىيىتى 22-مارت يىللىق كىنو بازىرىنى ئىستاتىستىكا قىلىش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ: 2016-يىللىق يەر شارى كىنو بېلەت ئومۇمىي كىرىمى ئاستا ئاشتى، 2015-يىللىق يەر شارى بېلەت كىرىمى رېكورتىدىن %1 ئېشىپ، 38 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلدى، دېدى.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن كانادا ئىككى دۆلەتنىڭ بۇلتۇرقى بېلەت ئومۇمىي كىرىمى 11 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %2 ئاشقان، بىر يىلدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم كىنوخانىغا بېرىپ كىنو كۆرىدىغانلارنىڭ سانىمۇ %2 ئېشىپ، 246 مىليون ئادەم (قېتىم) گە يەتكەن.

  2016-يىلى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ كىنو بېلەت ئومۇمىي كىرىمى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %5 ئېشىپ، 14 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ھالبۇكى، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا رايونىدىكى ئومۇمىي بېلەت كىرىمى %2 تۆۋەنلىدى، لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدا تېخىمۇ زور نىسبەتتە %18 تۆۋەنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر