باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەر نىشانى دىققەت قوزغىدى

نېمىشقا «%6.5 ئەتراپىدا بولىدۇ»

2017.03.27 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەر نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئىچكى ئىشلەپچقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %6.5 ئەتراپىدا ئاشىدۇ، ئەمەلىي خىزمەتتە تېخىمۇ ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلىدۇ». نېمىشقا ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى نىشانى %6.5 ئەتراپىدا بولىدۇ دەپ بېكىتىلىدۇ؟ «تېخىمۇ ياخشى نەتىجە» نېمىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ قەيەردىن كەلگەن؟

  «تېخىمۇ ياخشى نەتىجە» ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ تىگى تەكتىدىن ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟

  بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: جۇڭگو ئىقتىسادىدا L شەكىللىك «تىك» ھالەتتىن «توغرا» ھالەتكە ئۆتۈشتىن ئۈمىد بار. 2016- يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تۆت پەسىلدىكى ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتى %6.7، %6.7،%6.7 ۋە %6.8 بولدى، بۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى نىشانى يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىشىغا تۈرتكە بولدى. ۋەھالەنكى بۇ يىل «ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى» GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى نىشانىنى %6.5 ئەتراپىدا بولۇشقا تەڭشەلدى. نىمىشقا %6.5 ئەتراپىدا بولىدۇ؟

  «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، گوۋۇيۈەن تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ شۇخۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل خەلقئارا مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى، ئېنىقسىزلىقى، مۇقىمسىزلىقى كۈچيىىۋاتقانلىقىدەك ئامىلنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەت ئىچىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش جەھەتلەردىكى تەلەپنى ئويلىشىپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا بۇ يىللىق GDP نىڭ ئېشىش نىسبىتى %6.5 بولۇش، ئەمەلىي خىزمەتتە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  6.5% ئەتراپىدا ئېشىش سۈرئىتى خەلق تۇرمۇشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. «ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاخىرقى چېكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن مەسىلە كۆرۈلمىسىلا، ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى سەل يۇقىرى، سەل تۆۋەن بولسىمۇ، قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. نۆۋەتتىكى ئىلاستىك كويففىسېنتقا قارىغاندا، GDP بىر پىرسەنت پوئېنت ئاشسا 1 مىليون 900 مىڭدىن 2 مىليونغىچە كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن،%6.5 ئەتراپىدا GDP ئېشىش سۈرئىتى بىلەن 11 مىليون كىشىنىڭ يىللىق ئىشقا ئورۇنلىشىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  6.5% ئەتراپىدا ئېشىش سۈرئىتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانى بىلەن باغلانغان. مۆلچەرگە قارىغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتى %6.4 ياكى %6.5 ئەتراپىدا بولغاندىلا، 2020- يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ كىشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010- يىلدىكىدىن بىر قاتلاشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

  ئۇنداقتا «تېخىمۇ ياخشى نەتىجە» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ بۇ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تىگى تەكتىدىن ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟

  «تېخىمۇ ياخشى نەتىجە» يۇقىرىراق ئېشىش سۈرئىتىدۇر. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يى جۇڭچىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر نۇرغۇن ئىقتىسادشۇناس، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، جۇڭگونىڭ %6.5 ئەتراپىدا ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئۈمىدۋار قاراۋاتىدۇ، كۆپلەپ ئېنىقسىزلىق ئەھۋالى يۈز بەرمىسىلا، ئىقىتسادىي ئېشىش سۈرئىتى %6.5 تىنمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى نىشانىنى %6.5 ئەتراپىدا بولىدۇ دەپ بېكىتتۇق، شۇنداقلا تەمىنلەش ھالقىسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ قۇرۇلمىلىق زىددىيەتنى ھەل قىلىشىغا بەلگىلىك ئىمكانىيەت قالدۇردۇق.

  ئىقتىسادشۇناس لى يىنىڭنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادى ئەسلىدىكى سۈرئەت ۋە ساننى باش ئورۇنغا قويىدىغان تەرەققىيات شەكلىدىن ئۈنۈم ۋە سۈپەتنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات شەكلىگە ئۆزگەرتىلىشى كېرەك.

  «بۇ يىل %6.5تىن يوقىرى ئىقتىسادىي ئېشىش بولۇش بولماسلىقىدا، ئۈنۈم ئاساسىنىڭ قانداقلىقىغا قاراش كېرەك.» لى يىنىڭ مۇنداق تەھلىل قىلدى: ئۈنۈم ئاساسى ماددىي ئاساس، ئەخلاق ئاساسىي، شۇنداقلا تونۇش ئېڭى، ئۇيۇشۇشچانلىق، ئورتاق كىرىزىس ئېڭىنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.« مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ياخشى ئېچىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ 2017- يىلى ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %6.5 تىن ئېشىش مۇمكىنلىكى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ئىقىتسادىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر