باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2017-يىللىق يىللىق يىغىنى «تاراتقۇ رەھبەرلىرى يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى

2017.03.24 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى «تاراتقۇ رەھبەرلىرى يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنى» 23-مارت خەينەن بوئاۋدا ئۆتكۈزۈلۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى 10 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 20 دىن ئارتۇق تاراتقۇ رەھبىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، «ئاسىيا تاراتقۇلىرى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى كەلگۈسى» ئاساسىي قارالمىسىنى چۆرىدەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدىكى تاراتقۇلارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلدى.

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو ۋېيمىن يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىدا تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇس قىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم يارىتىلدى. تاراتقۇلارنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋاسىتىسىنىڭ ئىدىيە ۋە پىرىنسىپىنى يەنىمۇ يەتكۈزۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئارقىلىق نامايان قىنىلغان تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان بولۇپ دۇنياۋىلاشتۇرۇش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىچە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ تاراتقۇلارنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاراتقۇلار ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ھەرىكەت ئارقىلىق يىپەك يولى ئورتاق تونۇشىنى ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىش يولىدا ئورتاق ئىزدىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر