خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 26- كۈنى, جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمال ئۆلكىسىدىكى قۇياش شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2017- يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا خانقىزىنى تاللاش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا، 2016- يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا خانقىزى بۇ نۆۋەتلىك چېمپىيون دېمىرى نېر بېدىس(ئالدى ئوتتۇرىدا)نىڭ بېشىغا تاج تاقىماقتا.
2017- يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا خانقىزىنى تاللاش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى شۇ كۈنى قۇياش شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ غەربىي كاپېتوۋن ئۆلكىسىدىن كەلگەن 21 ياشلىق ئىشتىن سىرتقى مودىل دېمىرى نېر بېدىس ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى 12 نەپەر ساھىبجامال ئىچىدىن بالقىپ چىقىپ، 59- نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئافرىقا خانقىزى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى، ھەمدە بىر مىليون راندى (تەخمىنەن 550 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) بىلەن مۇكاپاتلاندى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئافرىقا خانقىزى بولغان دېمىرى نېر بېدىس جەنۇبىي ئافرىقىغا ۋاكالىتەن دۇنيا خانقىزى مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى