باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئوخايو شىتاتىدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەردى

15 كىشىگە تالاپەت يەتتى، قوراللىق ئۇنسۇر قېچىپ يۈرمەكتە

2017.03.27 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى سىنسىنناتى شەھىرىدىكى بىر بەزمىخانىدا 26- نويابىر سەھەردە، قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ماقالە ئەۋەتىلگىچە, ۋەقەدە ئاز دىگەندىمۇ بىر ئادەم ئۆلۈپ، 14 ئادەم يارىلاندى. بۇ ۋەقەدە ئاز دېگەندە بىر نەپەر قوراللىق ئۇنسۇر قېچىپ يۈرۈۋاتقان بولۇپ، ساقچى تەرەپ دېلوغا چېتىشلىق يەنە باشقىلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرمەكتە.

  خەۋەر قىلىنىشىچە, بۇ بەزمىخانا ئىنتايىن ئاۋات بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن چاغ ھەپتە ئاخىرى بولغاچقا، ئۇ يەردە ياشلار ئىنتايىن كۆپ ئكەن. كېچىلىك كۇلۇبنى ساقچىلار ساقلاۋاتقان بولۇپ، ئىچىدە يەنە كۆزىتىش ئاپپاراتى بار ئىكەن.

  ئامېرىكىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشقا چېتىشلىق دېلولار كۆپ يۈز بېرىدۇ، 2016- يىلى 6- ئاينىڭ 12- كۈنى، بىر قوراللىق كىشى فلورىدا شىتاتىنىڭ ئورلاندو شەھىرىدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبتا ئوق چىقىرىپ، 50 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى، 53 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر