باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا 5435 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىنىدۇ

2017.03.17 13:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ 5435 نەپەر مەمۇر ۋە خىزمەتچى خادىملىرى ئاشكارا قوبۇل قىلىنىدۇ. 20- مارتتىن 26- مارتقىچە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملار شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تور بېكىتى (www.xjrsks.com.cn)گە چىقىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.

  «مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدارىنى سىناش» ۋە «دەلىللەپ چۈشەندۈرۈش» يېزىقچە ئىمتىھانى 4- ئاينىڭ 22- كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ 4- ئاينىڭ 23- كۈنى بىر قىسىم ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى «خەنزۇ تىلى ئاساسىي بىلىملىرى» ۋە «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاساسىي بىلىملىرى» بويىچە يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىشقا تەشكىللىنىدۇ؛ 6- ئاينىڭ بېشىدا يېزىقچە ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ؛ سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يۈزتۇرانە ئىمتىھان ۋە بەدەن ئىقتىدارىنى ئۆلچەش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش قاتارلىق كېيىنكى خىزمەتلەر 6- ئاينىڭ ئاخىرلىرى كەينى-كەينىدىن باشلىنىدۇ، 11- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى تاماملاش پىلانلانغان.

  ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچىلار تەپسىلىي مەزمۇنىنى «ئۇقتۇرۇش»، «ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش نىزامى»، «ئىش ئورۇنلىرى جەدۋىلى»، شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تور بېكىتى (http://www.xjkunlun.cn)، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تور بېكىتى (http://www.xjrs.gov.cn)، شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى تورى (http://www.xjrsks.com.cn) ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ھۆكۈمەت (مەمۇرىي مەھكىمە) ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تور بېكىتى قاتارلىقلار ئارقىلىق كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، قوبۇل قىلىشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تور ئارقىلىق ۋاقتىدا جاۋاب بېرىشكە ئوڭاي بولۇش ئۈچۈن، يەنە سىياسەت توغرىسىدا جاۋاب بېرىشكە 12333 نومۇرلۇق مەخسۇس قىزىق لىنىيەنىمۇ تەسىس قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر