باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بالىلار دوختۇرى كەمچىل»لىك ئەھۋالىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل 20 ئالىي مەكتەپتە بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلىمى كەسپىي يېڭىدىن قوشۇلىدۇ

2017.03.22 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس كەسپلىرىنى ئەنگە ئېلىش ۋە تەستىقلاش خىزمىتىنىڭ 2016 ـ يىللىق نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ تەستىقلانغان تولۇق كۇرس كەسپلىرىنىڭ تىزىملىكىدە، پايتەخت تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، خېبېي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، جېڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە جەنۇب تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 ئالىي مەكتەپنىڭ ھەممىسى بۇ يىل "بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلىمى" دېگەن بۇ خىل كەسپ تۈرىنى كەسىپلەر قاتارىغا يېڭىدىن قوشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەنخۇي جۇڭيى دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدە جۇڭيى تېبابەت بالىلار كېسەللىكلەر ئىلىمى كەسپىي تەسىس قىلغان ئىكەن.

  بۇ، بۇلتۇر جۇڭگو تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، سەنشى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، خاربىن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، گۇاڭجۇ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، چۇڭچىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق سەككىز تېببىي ئىنستىتۇتىدا بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلىمى كەسپىي يېڭىدىن كۆپەيتىلگەندىن كېيىن، بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلىمى كەسپىي يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەمدە كۆپەيتىلگەنلىكى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلىمى كەسپىينى يېڭىدىن كۆپەيتكەن بۇ 20 ئالىي مەكتەپ 17 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرگە تارقالغان بولۇپ، بۇ كەسىپتە ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئوقۇش مۇددىتى ئادەتتە بەش يىل بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر