باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يېزىلىق شىپاخانىدىكى جىددى قۇتقۇزۇش

2017.03.27 17:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قوشماق تۇغقانلىشىپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ ناركوز ۋىراچى غەيرەت ئابلىز ۋاقتىنى چىقىرىپ گۇما ناھىيىسى كۆك تېرەك يېزىلىق شىپاخانىنىڭ مەسئۇلى مەمەتجانغا تېلېفون قىلىپ، نەچچە كۈن ئىلگىرى موتسىكىلىت سوقۇۋەتكەن بالىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى سورىدى.بىرىنچى قېتىم گۇما ناھىيەسىگە بارغان غەيرەت بىلەن شۈ جيەنگە نىسبەتەن، بۇ يارىلانغان كىچىك بالا ئۇلارنىڭ گۇما بىلەن بولغان ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى.

  16-مارت، گۇما ناھىيىسى كۆكتېرەك يېزىسىغا قوشماق تۇغقىنىنى كۆرگىلى بارغان غەيرەت ۋاقتىنچە يېزىلىق شىپاخانىدا تۇردى.

  18-مارت، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپ يېزىلىق شىپاخانىغا قايتىۋاتقان غەيرەت بىلەن تاشقى كېسەللەر دوختۇرى شۈ جيەن بىر بوۋاينىڭ يۈزى قان بولۇپ كەتكەن بىر بالىنى كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى، بالىنىڭ ئاغرىقتىن ۋارقىراپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  ئىككەيلەن دەررۇ ئالدىغا بېرىپ نېمە بولغانلىقىنى سورايدۇ، نەتىجىدە بۇ بوۋاي ئۈچ يېرىم ياشلىق نەۋرىسىنىڭ يول بويىدا ئويناۋاتقاندا موتسىكىلىت سوقۇۋەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بۇ ئىككەيلەن بالىنىڭ يۈزىنىڭ تىلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ. تىلىنىپ كەتكەن يارا ئېغىزى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، يېزىلىق شىپاخانا بۇنداق ئوپىراتسىيەنى قىلالمىغانلىقتىن، يېزىلىق شىپاخانىدىكىلەر بوۋايغا بالىنى ئېلىپ دەرھال ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا بىرىشكە بۇيرۇيدۇ، بىراق ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا بېرىشقىمۇ ئەڭ تېز بولغاندىمۇ 40 مىنۇت كېتەتتى. بوۋاي شىپاخانا ئالدىدا تىت-تىت بولغانلىقىدىن يىغلاپ كېتىدۇ.

  شۈ جيەن تېزلىكتە بالىنىڭ يارىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ، بالىنىڭ يۈز مۇسكۇللىرى، ماي قەۋىتىنىڭ تېشىغا ئۆرۈلۈپ قالغانلىقى، يارىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئىزىنىڭ ئىككى سانتېمىتىرغا يېتىدىغانلىقىنى بايقايدۇ.

  «ئۈلگۈرەلمىگۈدەك، مۇشۇ يەردە تىكەيلى!»، شۈ جىيەن دەرھال قەتئىي قارارغا كېلىدۇ. بالىنىڭ يۈزىدىكى جاراھەت ئېغىزى بەك چوڭ بولغانلىقتىن، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن جاراھەت ئېغىزى ئىششىپ، تىكىش قىيىنلىق دەرىجىسىنى توختىماي ئاشۇرىشى، ھەتتا تىككىلى بولماي قېلىش خەۋپى تۇغۇلىشىمۇ مەۋجۇت ئىدى.ئىككى دوختۇر بالىنى كۆتۈرۈپ يېزىلىق شىپاخانىغا يۈگۈرۈپ كىرىدۇ، شىپاخانا مەسئۇلى مەمەتجاننىڭ ياردەملىشىشى بىلەن، شۈ جيەن يارا ئېغىزىنى تىكىشكە ئىشلىتىدىغان يىڭنىنى تاپىدۇ، ھەمدە چوڭلارغا ئىشلىتىدىغان سۈمۈرۈلۈشچان ئوپىراتسىيە يىپىدىن بالىلارغا ماس كەلگۈدەك بىرتالنى سۇغۇرۇپ ئالىدۇ.

  بىراق جاراھەت ئېغىزىنىڭ بەك چوڭ ھەم بالىنىڭ ئاغرىق سەۋەبىدىن توختىماي يىغلاپ تېپچەكلىشى سەۋەپلىك، بالىغا ناركوز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. غەيرەت پۈتۈن شىپاخانىنى ئىزدەپ، پەقەت بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان ناركوز دورىسىنى تاپىدۇ.

  -بالىلارنى ناركوز قىلغاندا ناھايىتى ئېھتىيات ۋە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ،- غەيرەت مۇخبىرغا شۇنداق دېدى. ئۇ بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا ئاساسەن، ناركوز دورىسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن سۇيۇلدۇرۇپ، بالىنىڭ يۈزىگە ناركوز قىلىدۇ.

  ناركوز دورىسىنىڭ تەسىر قىلىشىنىڭ قەرەلى بولغانلىقتىن، غەيرەت داۋاملىق شۈ جيەننىڭ يېنىدىن ئايرىلماي، بىر تەرەپتىن يىغلاۋاتقان بالىنى تۇتۇشۇپ بەرسە، بىر تەرەپتىن ناركوزنىڭ تەسىر قىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىدۇ.

  تىكىش داۋاملىشىپ 20 مىنۇت بولغاندا، غەيرەت بالىنىڭ چىدىماي يىغلاشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ، يەنە جىددى ھالدا ناركوزنى تەڭشەپ بالىنى ناركوز قىلىدۇ. يەنە 20 مىنۇتتىن كېيىن، بالىنىڭ يۈزىنى تىكىش ئوپىراتسىيىسى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلىشىدۇ.

  -بالىنىڭ كىچىك ئىكەنلىكى، ئۇقۇشماي يارا ئېغىزىغا تېگىپ بۇزۇۋەتمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىچىدىن قوش قەۋەت قىلىپ تىكىش ئوپىراتسىيىسى ئېلىپ باردىم. بۇنداق بولغاندا كېيىن قېلىپ قالىدىغان تارتۇقمۇ كىچىكرەك بولىدۇ،- شۈ جيەن مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

  بالىنىڭ بوۋىسى بالىنىڭ يۈزىدىكى جاراھەتنى ئاخىرى ئوڭۇشلۇق تىكىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆز يېشىنى توختىتىدۇ ۋە يېنىش-يېنىشلاپ «رەھمەت» ئېيتىدۇ. غەيرەت بىلەن شۈ جيەن ئىككەيلەن بوۋاي بىلەن شىپاخانا مەسئۇلىغا كېيىن كۈندە ۋاقتىدا دورا ئالماشتۇرۇش ۋە ياللۇغنى ۋاقتىدا قايتۇرۇش، بالىنىڭ ئوزۇقلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تاپىلاپ، ياتىقىغا قايتىدۇ ۋە نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن چۈشتىن كېيىنكى پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىدۇ، بىراق كىچىك بالا ئۇلارنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ.

  -كېلەر قېتىم تۇغقىنىمىزنى كۆرگىلى بارغىنىمىزدا، بۇ بالىنىمۇ چوقۇم بېرىپ كۆرۈپ كېلىمىز،- دەيدۇ غەيرەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر