باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تەتقىقاتتا دېيىلىشىچە، ھەمىشە يول باشلاش سىستېمىسىغا تايىنىپ قالسا، مىڭىنىڭ «بىر قىسىمى تاقىلىپ» قېلىشى مۇمكىن ئىكەن

2017.03.27 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈنئىي ھەمراھ يول باشلىغۇچنى دائىم ئىشلەتسە يۆلىنىش تۇيغۇسى ناچار بولۇپ قالامدۇ؟ ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى بايقىشىچە، ھەمىشە سۈنئىي ھەمراھ يول باشلىغۇچقا تايىنىپ قالسا، ئىشلەتكۈچىنىڭ يول تونۇش ئىقتىدارى ھەقىقەتەن ئاجىزلىشىپ كېتىدىكەن.

  ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنستىتۇتىدا 24 نەپەر پىدائىينى توپلاپ، ئۇلارنىڭ مەۋھۇم ئەھۋال ئاستىدا سۈنئىي ھەمراھ يول باشلىغۇچقا تايىنىپ يول تونۇش ياكى ئۆز ئىقتىدارىغا تايىنىپ يول تونۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىلىرىنى سىكانېرلاپ كۆرگەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە: يولنى ئۆزى تېپىپ ماڭغان پىدائىيلارنىڭ چوڭ مېڭە سەقەنقۇرى ۋە پېشانە پوستلىقىنىڭ رايون تەسۋىرىنى يېيىش سۈرىتى كۆرۈنەرلىك چىقىپ تۇرغان، لېكىن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلىغۇچقا تايىنىپ يول تاپقان پىدائىيلارنىڭ بۇ ئىككى پارچە چوڭ مېڭە رايون تەسۋىرىنى يېيىش سۈرىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغان.

  «قايسى يولدا ماڭسا بولىدىغانلىقىنى بىزگە دەپ بېرىدىغان تېخنىكا بولغاندا، بۇ چوڭ مېڭە رايونلىرىنىڭ كوچا تورلىرىغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.» تەتقىقاتقا قاتناشقان ئۇگو سپىئېر مۇنداق دېدى: "بۇ، چوڭ مېڭىنىڭ ئەتراپتىكى كوچىلارغا قىزىقىدىغان قىسىملىرىنى تاقىۋەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ."

  ئالاقىدار تەتقىقات 21- مارت ئەنگلىيە ژۇرنىلى «تەبىئەت. خەۋەر»دە ئېلان قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر