باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل تارباغاتاي ۋىلايىتىدە يېڭىدىن 128 قوش تىل يەسلىسى سېلىنىدۇ

2017.03.22 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇۋاپىق ياشتىكى يېزا بالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ھەقسىز يەسلىگە كىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، تارباغاتاي ۋىلايىتى بۇ يىل يېڭىدىن 128 يېزا قوش تىل يەسلىسى سېلىپ، مۇۋاپىق ياشتىكى يېزا بالىلىرىنىڭ «يەسلىگە كىرگۈدەكلىرىنىڭ ھەممىسى كىرىش» نىشانى ئورۇندىلىدۇ.

  چۆچەك شەھىرى چاخاجى فېرمىسى قوش تىل يەسلىسى چۆچەك شەھىرىنىڭ يېڭىدىن سېلىش، داۋاملاشتۇرۇپ سېلىش پىلانىدىكى 22 يەسلىنىڭ بىرى. ئۆيىنىڭ ئالدىدا يەسلى سېلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان چاخاجى فېرمىسىنىڭ خىزمەتچىسى غەيرەت چاخاي مۇنداق دېدى: «قىزىم ئۈچ ياشقا كىردى، ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا يەسلى سېلىنسا، قىزىم ئىشىك ئالدىدىكى يەسلىدە ئوقۇيالايدىغان بولدى.»

  يەسلى قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرۇلۇش ئىش سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلىرىدىكى داۋاملاشتۇرۇلۇپ سېلىنىۋاتقان يەسلىلەر قايتىدىن ئىش باشلاش تەييارلىقىنى ھازىرلىدى. يېڭىدىن سېلىنىدىغان يەسلىلەرنىڭ قۇرۇلۇش خەرىتىسىنى تەكشۈرۈش، خېرىدار چاقىرىش خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر