خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق ئارمىيەسى 26- مارت بايانات ئېلان قىلىپ: قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى موسۇلنىڭ غەربىي شەھەر رايونىدىكى ۋەيران بولغان بىر قۇرۇلۇش ئىچىدە 61 جەسەتنى كولاپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.
يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا قوللىغان ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكەت موسۇلدىكى بىر قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا بەلكىم يۈزدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەبچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئىراق تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بومباردىمان قىلىنغىنى موسۇل شەھىرىنىڭ غەربىي شەھەر رايونىدىكى بىر قۇرۇلۇش بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە 230 نەپەردىن ئارتۇق پۇقرا قۇرۇلۇش ئىچىدە پاناھلىنىۋاتقان ئىكەن.
2014- يىلى 6- ئايدا، موسۇل شەھىرىنى ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» ئىشغال قىلىۋالغان. ئىراقنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 2016- يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن باشلاپ موسۇل شەھىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىغان ھەمدە بۇ يىل 1- ئاينىڭ 24- كۈنى موسۇل شەھىرىنىڭ شەرقىي شەھەر رايونىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىغان. 2- ئاينىڭ 19- كۈنى, ھۆكۈمەت ئارمىيەسى غەربىي شەھەر رايونىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەربىي ھەرىكىتىنى رەسمىي قوزغىغان.
ب د ت نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، تەخمىنەن 400 مىڭ پۇقرا يەنىلا موسۇلدا قاپسىلىپ تۇرغان. ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدە، 180 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا موسۇل شەھىرىنىڭ غەربىي شەھەر رايونىدىن ئايرىلغان، مۆلچەرلىنىشچە كېيىنكى نەچچە ھەپتىدە يەنە 320 مىڭ ئادەم ئايرىلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى