باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىلىك دۇكانلىرى قاتتىق تەكشۈرۈلدى

38 ۋاسىتىچى دۇكان جازالاندى، 90 ۋاسىتىچى دۇكان تىجارەتنى ئۆزلۈكىدىن توختاتتى

2017.03.27 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- مارت، بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ جاي قۇرۇلۇشى كومىتېتى يەنە ھەرىكەتكە كېلىپ، مەيتىيەن شىركىتىگە قاراشلىق بولغان خوشىتەي تارماق بۆلۈمى قاتارلىق ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىلىك دۇكانلىرىدىن 12 دۇكاننى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تىجارەت قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن تىجارىتىنى توختاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بېيجىڭدا «17- مارت» ئۆي بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىتى يولغا قويۇلغان بىر ھەپتىدىن بېرى، قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىلىك دۇكانلىرىنى قاتتىق تەكشۈردى، نۆۋەتتە 38 ئۆي-مۈلۈك كەسپى ۋاسىتىچىلىكى تاقاشقا ياكى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىنىشقا بۇيرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقايسى رايونلاردىكى ئۆي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ سىتاتسىكا قىلىشىچە، ئۆي-مۈلۈك كەسپىدىكى 91 ۋاسىتىچى شىركەت ئۆزلۈكىدىن ئىش توختاتقان. چوڭ تىپتىكى مەلۇم بىر ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى تەرىپىدىن ئىنكاس قىلىنغان ئۈچ تەرەپ كېلىشىمى ئىمزالىنىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، سىياسەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 322 ئۆي توختامى ئىمزالانغان بولۇپ، ئۇنى سىياسەت ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇنقى بىر ھەپتە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە ئىمزالىنىدىغان توختام سانى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، %60 كېمەيگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر