باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى يول خەرىتىسى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى پۈتۈن جەريانلىق كۆزىتىدۇ

2017.03.27 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى 26-مارت خەينەن ئۆلكىسى خەيكو شەھىرىدە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، خەينەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى تەجرىبىلىرى ۋە ئۇسۇلىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى خىزمىتىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ۋاقتىدا ئورۇنداشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئېلىمىزنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ھازىر 21 ئۆلكە (شەھەر، رايون) مەركەزنىڭ ھۆججىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىجتىمائىي فۇنكسىيە ئىسلاھاتى، يەر ھوقۇقىنى بېكىتىپ تىزىملاپ كىنىشكا بېرىش قاتارلىق يانداش ھۆججەتلەرنى كەينى-كەينىدىن بېسىپ تارقىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزىمىنى تەدرىجىي بەرپا قىلدى.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خەن چاڭبىن مۇنداق دېدى: ھەرقايسى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرى ئىسلاھات ھېسابات دەپتىرى ۋە ئىجتىمائىي فۇنكسىيە ئاپپاراتى تىزىملىكىنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىسلاھات يول خەرىتىسى ۋە ۋاقىت جەدۋىلىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، فۇنكسىيەنى كىم ئىشلەش، ئاپپاراتلارنى قانداق تۇتاشتۇرۇش، خادىملارنى قەيەرگە قويۇش قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  ئىگىلىنىشچە، ھازىر مەركەز قاتلىمىدا مەركەز ئىسلاھات ئىشخانىسى نۇقتىلىق كۈزىتىش، ئالاقىدار تارماقلار بىرلىشىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى مەخسۇس يېتەكچىلىك قىلىشتەك ئۈچ تەرەپ بىرلەشمە كۆزىتىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتى مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە نۇرغۇن ئۆلكىلەرگە بېرىپ كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ كۆزەتكەن. يېقىندا، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ھەرقايسى جايلارنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، يەنە بىرلەشمە ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، نۇقتىلىق ئۆلكىلەرگە بېرىپ مەخسۇس يېتەكچىلىك قىلىپ، جايلارنىڭ يولغا قويۇش پىكرىنى چىڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر