خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27-مارت «خەلق» سارىيىدا نېپال زۇڭلىسى پراچاندا بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ دوستلۇق-ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ھازىر جۇڭگو-نېپال مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەت، پارتىيە قاتارلىق ھەرقايسى قاتلاملار ئارىسىدا قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە، ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال. ئىككى تەرەپ داۋاملىق بىردەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگو-نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاكتىپ يۈزلىنىشنى قوغداپ، جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ دوستلۇق-ھەمكارلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى