خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۈننەن ئۆلكىسى دالى ئوبلاستى ياڭبى ناھىيەسى ياڭجياڭ بازىرىدا، قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ (27- مارت تارتىلغان سۈرەت).
3-ئاينىڭ 27-كۈنى، يۈننەن ئۆلكىسى دالى ئوبلاستى ياڭبى ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 27-مارت سائەت 18گىچە، ياڭبى ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 5.1 بال يەر تەۋرەشتە، ياڭبى ناھىيەسىنىڭ ياڭجياڭ بازىرى، ساڭشەن غەربىي بازىرى قاتارلىق سەككىز يېزا- بازاردىكى 3501 ئائىلىدىن 15 مىڭ 786 ئادەمنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى، شۇ يەردىكى ئوت ئۆچۈرۈش، قوراللىق ساقچى قىسىم قاتارلىق كۆپ تەرەپنىڭ ئاپەت رايونىغا يېتىپ بېرىپ، قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى