خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 28- كۈنى، قۇتقۇزۇش خادىملىرى قۇرۇلۇش ئۆرۈلۈپ چۈشكەن نەق مەيداندا قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرماقتا.
خۇبېي ئۆلكىسى ماچېڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ج خ ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ماچېڭ شەھىرى ۋۇناۋشەن تېغى مودەنگۈل باغچىسىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا قۇرۇلۇش ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 15 ئىشچى كۆمۈلۈپ قالغان، نۆۋەتتە سەككىز ئادەم قۇتقۇزۇپ چىقىلغان، قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە 27-مارت سائەت 14تىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن. 27-مارت سائەت 22گىچە، دەسلەپكى قەدەمدە ۋەقەگە چېتىشلىق 15 كىشىدىن سەككىز كىشى قۇتقۇزۇپ چىقىلغان، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىق ئىشلىنىۋېتىپتۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى