باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2017- يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى 28- مارت باشلاندى

2017.03.28 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2017- يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى 28- مارت باشلاندى، 4- ئاينىڭ 7- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

  27- مارت، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتىدە توردا تىزىملىتىش ئۇسۇلى قوللىنىش ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات توپلاشنى ئېلىپ بارىدۇ، ئىمتىھانغا تىزىملىتىدىغان ھەر قايسى مەكتەپلەر ئۆز مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا كوللېكتىپ ھالدا توردا تىزىمغا ئالدۇرۇشنى تاماملاپ، تىزىملاتقاندا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى تورىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش سىستېمىسى (http://kszx.wlmqedu.gov.cn/)غا چىقىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ھەمدە ئۈرۈمچى شەھىرى ئوقۇش تەۋەلىكىدىكى تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىمغا ئالدۇرۇشقا ئالاقىدار ئىشلارنى مەكتەپ ئوقۇتۇش ئىشلىرى باشقارمىسىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر