باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 58-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە سۆز قىلدى

2017.03.29 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 58-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپ تېمىسى ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ئۇسۇلى تەتقىق قىلىندى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلدى. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ، ئۆمەك باشلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەكلىپنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشتا مۇھىم نۇقتا- باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە 2017-يىللىق كېڭىشىش پىلانى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا ئاساسەن، پۈتۈن بىر يىللىق يىغىننىڭ كېڭىشىش ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىنى كۈچلۈك ۋە تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش. تەكلىپنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكتىكى رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، تەكلىپ ئارقىلىق پىكىر، تەنقىد، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ نازارەت قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى تاللاش، بېجىرىش، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئۈلگىلىك باشلامچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سۈپەتلىك تەكلىپلەرنى بېرىپ ئۈنۈملۈك بېجىرىش كېرەك.

  يىغىندا كۇڭ چىڭپىڭنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش قارارى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى ھەمدە 21- سانلىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر