باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ئامما ئىنكاس قىلغان مۇھىم، قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، دورا ھەمتۈرتكىلىك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى ئاممىنىڭ ساغلاملىق بەخت-سائادىتى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك

2017.03.29 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك داۋالاش ئىسلاھاتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 28-مارت بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىق سالدى. تەستىقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: داۋالاش-دورا-سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك. ئۆتكەن بىر يىلدا، جايلار، تارماقلار پائال ئىزدىنىپ، ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. داۋالاش ئىسلاھاتى خىزمىتى سېپىدىكىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن! 2017-يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى تەلەپلەر بويىچە، ئامما ئىنكاس قىلغان مۇھىم، قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، دورا ھەمتۈرتكىلىك ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، دورىغا ئۈلۈش قوشۇشنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا چىقىم قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىقلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مەملىكەت بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇرىنى تورلاشتۇرۇش، باشقا جايدا دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش، ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ساغلاملىق بويىچە نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى ئاممىنىڭ ساغلاملىق بەخت-سائادىتى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك! گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن داۋالاش ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يەندۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم تەستىقىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلىشىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جۇڭگوچە ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش تۈزۈمى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر