باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بېيىتىش كېرەك

2017.03.29 16:12   مەنبە: خەلق تورى

تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بېيىتىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-مارت، 41 ياشلىق باھارگۈل تۇرسۇن ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئۆگزىدە تۇرۇپ، ئىككى قولى بىلەن بىر تەرەپتىن ئىشارەت قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات پىلانىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھويلىدا يەنە بىر قانچە ئېغىز ئۆي سېلىپ، بىرىنى توخۇ يەم-خەشەك پىششىقلاپ ئىشلەش ئۆيى، بىرىنى توخۇ مايىقىنى ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىش سېخى قىلىمەن، يەنە بىرىگە تۇخۇم توخۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنى سەپلەيمەن.»

  باھارگۈل تۇرسۇننىڭ ئۆيى كەلپىن ناھىيەسى كەلپىن بازىرىنىڭ قارا قۇم كەنتىدە بولۇپ، 2003- يىلى ئەسلىدىكى ئىش ئورنىدىن قېلىپ قالغان، كېيىن ئۆزىنىڭ ھويلىسىدا توخۇ بېقىشقا باشلىغان. بېقىش تېخنىكىسىنى بىلمىسە، كەنتتىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىدىن سورىغان، ئۈسكۈنىسى بولمىسا، باشقىلار شاللىۋەتكەن ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋىلىپ ئىشلەتكەن. 2015 –يىلى 5- ئايدا، باھارگۈل خەلق ساغلاملىقى ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى بويىچە دېھقانلار كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تىزىملىتىپ قۇرغان. كەنت ئۇنىڭ باقمىچىلىققا ئىشلىتىشىگە تۆت مو يەرنى تەمىنلەپ بەرگەن. ئۇ ئۆزى بانكىدىن 400 مىڭ يۈەن قەرىز ئېلىپ ئۈسكۈنە سېتىۋىلىپ، زاۋۇت سالغان.

  ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىر يىللىق راۋاجلىنىش ۋە مۇكەممەللىشىش جەريانىدا، 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىدا 200 مىڭ يۈەن ساپ پايدا ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كوپىراتىپ ئەزالىرىنى 10 كىشىگە يەتكۈزۈپ، 20دىن ئوشۇق يېزا ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، مەزكۇر ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك ئاياللار يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگىلىك بازا» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

  كەلپىن ناھىيەسى گەزلىك يېزا پاسۇن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئامانگۈل موللاق مۇنداق دېدى: «باھارگۈل ھەدەمگە كۆپ رەخمەت ئېيتمىسام بولمايدۇ، ھازىر ئائىلەمنىڭ شارائىتى بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كەتتى». 2012- يىلى، ئامانگۈل باھارگۈلنىڭ نامىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن توخۇ بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، ئۇ ھازىر پاسۇن كەنتىدە ئىككى مودىن ئوشۇقراق يەردە توخۇ فېرمىسى ئاچىدۇ، ھەر يىلدا ئەللىك-ئاتمىش مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ.

  بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ناھىيەدىكىلەرگە تارقىتىپ بېرىدىغان 30 مىڭ توخۇ چۈجىسى مانا ئەمدى تۇخۇمدىن چىقاي دەپ قالدى، باھارگۈل ۋە كوپىراتىپتىكىلەرنىڭ ھەر كۈنى توخۇ كاتىكىنى رەتلەش، يەم بېرىش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورنىتىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئۆتمەكتە. ئەتراپتىكى ناھىيە-كەنتلەردىن كۆرگىلى ۋە زىيارەت قىلغىلى كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭمۇ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

  باھارگۈل كەلگۈسىگە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «كوپىراتىپ ھازىر ھەر يىلى 200 مىڭ توخۇ چۈجىسىنى تۇخۇمدىن چىقىرىپ تارقىتىدۇ. مەن ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ھەر يىلىدا ئالىدىغان ساپ پايدىنى بىر مىليون يۈەنگە يەتكۈزمەكچى. شۇ ۋاقىتتا 100 ئادەمنى ئىش ئورنىغا ئىگە قىلغىلى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى باي قىلغىلى بولىدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بۇ يىل شىنجاڭدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ، ئەلا مائ…
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2017- يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى 28- مارت…
    ·مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇشتىكى ئۇچۇر سىستېمىسى قوزغىتىلدى 
    ·قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە بىرلەشمە …
    ·شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر يېڭىدىن 38 تولۇق كۇرس كەسپىنى كۆپەيتتى
    ·بۇ يىل تارباغاتاي ۋىلايىتىدە يېڭىدىن 128 قوش تىل يەسلىسى سېلىنىدۇ
    ·«بالىلار دوختۇرى كەمچىل»لىك ئەھۋالىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل 20 ئالىي مەكتەپتە بالىلار كېسەللىكلىرى…
    ·2016-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان سوئالىنىڭ زور كۆلەمدە ئاشكارىلىنىپ كېتىش دېلوسىغا خۇبېيدا سوت ئېچ…
    ·نامرات ئوقۇغۇچىلار كەسپىي مائارىپ ياردىمىگە ئېرىشتى 
    ·ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئىستۇدېنتلارغا خىزمەت ئىزدەش ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىت…