باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ئاساسى قاتلىمىدىكى دېھقانلار بەس-بەستە پارتىيە كىرىشىنى ئىلتىماس قىلماقتا

2017.03.29 15:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۈل يېزىسى قاتچى كەنتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان، ئۆتكەن يىلدىن بۇيان پۈتۈن كەنتتىكى 35 ياش كەنت ئاھالىسى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىغا ئارقا-ئارقىدىن پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىنى سۇندى.

  قاتچى كەنتىدە دېھقانلار پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىشتەك خۇشاللىنارلىق مەنزىرە بارلىققا كەلدى، بۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئاساسى قاتلامدىكى دېھقانلار ئارىسىدا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر كونكرېت ھەرىكىتى ئارقىلىق ئېتىقاد ھەقىقىتىنى بەلگە قىلماقتا، ئاچقۇچلۇق تاللاش ئارقىلىق ئېتىقادنىڭ قۇدرىتىنى شەرھىيلىمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش» كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئاساسى قاتلاملىرىدا دېھقانلار پارتىيە تەشكىلاتىغا ئاكتىپ يېقىنلاشتى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىش ئەھۋالى بارغانسېرى كۆپەيدى.

  2015-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەكەن ناھىيەسى بەشكەنت بازىرى تىرەك ئاچال كەنتىدىكى 43 دېھقان تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى. 2016-يىلى يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى بىنام كەنتىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش» كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى بىلەن بىر يىلدا 61 كەنت ئاھالىسى پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى. ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى سۇلۇق كەنتىدە ئابدۇرېھىم قادىر 77 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا پارتىيەگە كىرىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدى، ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئاخىرى ئىشقا ئاشتى.

  بەزىلەر شىنجاڭنىڭ ئاساسى قاتلىمىدىكى دېھقانلارنىڭ پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىقى نېمە ئۈچۈن شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ دەپ سورىشى مۇمكىن، بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق، پارتىيە بايرىقى چاقىرىماقتا، يول كۆرسەتمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ زېمىندا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۈنىلىك رولى، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىشچانلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، بۇ ھەر مىللەت دېھقانلار ئاممىسىنىڭ پارتىيەگە كىرىشنى تەلەپ قىلىش كۈچلۈك ئارزۇسىنى زور دەرىجىدە قوزغاتتى. بۇ پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسلىرى ئاساسى قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن قەتئىي مەيدانى بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئىتىتپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىنتىلىشتەك سادىق قەلبىنى نامايەن قىلىپ بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر