باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە تەپتىش دائىرلىرى پاك گىيۇنخاينى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ئىلتىماسى سۇندى

2017.03.28 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: پاك گىيۇنخاي 22-مارت كورىيە سىئول مەركىزىي كومىتېتى يەرلىك تەپتىش نازارىتىدىن چىقىۋاتقان ماتېرىيال سۈرىتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بيېجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورىيە تەپتىش دائىرلىرى 27-مارت سوت مەھكىمىسىگە سابىق زۇڭتۇڭ پاك گىيۇنخاينى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ئىلتىماسى سۇنۇشنى قارار قىلدى. سوت مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش-تەستىقلىماسلىقنى پات ئارىدا قارار قىلىدۇ.

  تەپتىش دائىرلىرى پاك گىيۇنخاي زۇڭتۇڭلۇق خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىىپ، كارخانىلاردىن مال-مۈلۈك ئېلىش، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش، تەكشۈرۈش داۋامىدا كۆپ قىسىم جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىنكار قىلىش، پاكىتنى يوقىتىش غەرىزىدە بولۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق، دەپ قارىدى. تەپتىش دائىرلىرى ۋە ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى پاك گىيۇنخاينى تەكشۈرۈش مەزمۇنىنى ئىنچىكە مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ۋە بۇنىڭدىن بۇرۇنقى پاك گىيۇنخاينى يۈز تۇرانە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۇنىۋېرسال نەزەردە تۇتقان ئاساستا، تەپتىش دائىرلىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ پاك گىيۇنخاينى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشىنى ئىلتىماس قىلدى.

  تەپتىش دائىرلىرى مۇنداق قارىدى: سۈي شۈنشى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن، زۇڭتۇڭ بۇيرۇق چۈشۈرگەن باشقا جامائەت خىزمەتچىلىرى ۋە پارا بېرىش جىنايىتىگە چېتىلىپ قالغانلار بىردەك قولغا ئېلىنىدۇ، ئادىل، باراۋەر بولۇش نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ، پاك گىيۇنخاينى قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلىش-قانۇن ۋە پىرىنسىپقا ئۇيغۇن.

  پاك گىيۇنخاي سابىق زۇڭتۇڭ روتايۋو ۋە چون دۇخۇەندىن كېيىن تەپتىش دائىرلىرى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاشنى ئىلتىماس قىلغان كورىيەنىڭ 3-سابىق زۇڭتۇڭى. ئىگىلىنىشىچە سوت مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش-تەستىقلىماسلىق قارارىنى ئەڭ بالدۇر ياكى 30-مارت چىقىرىدىكەن.

  كورىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى 10-مارت، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زۇڭتۇڭ پاك گىيۇنخاينى ئەيىبلەشنى ماقۇللىدى، پاك گىيۇنخاي كورىيە تارىخىدىكى ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان تۇنجى زۇڭتۇڭ بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئەدلىيە كەچۈرۈم ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولدى. پاك گىيۇنخاي 21-مارتتىن باشلاپ تەپتىش دائىرلىرىنىڭ 21 سائەتكە سوزۇلغان يۈز تۇرانە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر