باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلماقتا

2017.03.28 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇڭلى لى كېچياڭ يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى بىل ئىنگلىزنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 26-مارتتىن 29-مارتقىچە يېڭى زېلاندىيە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. بۇ جۇڭگو زۇڭلىسىنىڭ ئارىدىن 11 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يېڭى زېلاندىيەدە يەنە زىيارەتتە بولۇشى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت، پەن-تېخنىكا قاتارلىق كەڭ ساھەلەردە بىر قاتار ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىشىدىن ئۈمىد بار.

  بۇ يىل جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم باسقۇچتا تۇرماقتا. يېڭى زېلاندىيە جامائەتچىلىكى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ زىيارىتى جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچىسىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا يېڭىدىن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، بۇ قېتىمقى زىيارەت سىرتقا جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، تەڭ نەپ ئېلىشقا بىرلىكتە تىرىشىش ئىجابىي سىگنالىنى بېرىپ، دۇنيا ۋە رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى چىڭىتىدۇ.

  جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھالقىما تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان چوڭ-كىچىك دۆلەتلەر ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. يېڭى زېلاندىيە جۇڭگو بىلەن باردى-كەلدى قىلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدىدا ماڭدى، مۇنداق نۇرغۇن تۇنجىلارنى ياراتتى: يېڭى زېلاندىيە جۇڭگونىڭ تولۇق بازار ئىگىلىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت، جۇڭگو بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان ۋە يولغا قويغان تۇنجى دۆلەت، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىغا قۇرغۇچى دۆلەتلىك سالاھىيىتى بىلەن قاتناشقان غەربتىكى تۇنجى تەرەققىي قىلغان دۆلەت.

  جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ 45 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، سەمىمىي بولۇپ بىر-بىرىگە ئىشىنىش، ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاش، ھەمكارلىققا ئېتىبار بېرىش، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش-جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچلۈك راۋاجلىنىشىدىكى مۇھىم تەجرىبە، جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ يەنىمۇ نۇرلاندۇرۇشىغا ئەرزىيدۇ.

  زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ زىيارىتى جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ۋە تۈگىمەس كۈچ ئاتا قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق يېڭى ساھەلىرىنى بىرلىكتە ئېچىپ، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى ئورتاق تونۇشىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

  جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش زور يوشۇرۇن كۈچ ۋە ئىستىقبالغا ئىگە. سىياسىي جەھەتتە، بىر-بىرىگە ئىشىنىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش؛ ئەمەلىي ھەمكارلىق جەھەتتە، جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە ئەركىن سودا رايونىنى بىرلىكتە يېڭىلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق، بىيودورىگەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزىدۇ؛ بۇندىن باشقا ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى پۇختىلايدۇ.

  «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتا ۋە ئېشىش نۇقتىسى. زۇڭلى بىل ئىنگلىز مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ زىيارىتى يېڭى زېلاندىيە ئاممىسى ۋە سودا ساھەسىدىكىلەرگە «بىر بەلباغ بىر يول» ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسەتلەرنى تولۇق نامايەن قىلىدۇ.

  جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە ھەم ئەركىن سودىنىڭ قەئىي تەشەببۇسچىلىرى، ھەم ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرى. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئىككى دۆلەت ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يەرشارى ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنى بىرلىكتە قوغداپ، سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ، يەرشارىلىشىشنىڭ تېخىمۇ كەڭ قورساق ۋە مەنپەئەتدار بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا يېڭى تۆھپە قوشۇپ، دۇنياغا جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى نامايەن قىلىشى كېرەك.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر