باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«يەرلىك تەشۋىقاتچىلار» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2017.03.28 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسى غوروچۆل بازىرى قەدىمىيئايماق كەنتىنىڭ مەدەنىيەت زالىدا «يەرلىك تەشۋىقاتچىلار» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە بازار تەۋەسىكى 23 مەھەللە كومىتېتىدىن كەلگەن 41 ماھىر قاتناشتى.

  ماھىرلار ئۆزى تەييارلىغان «ئەسەبىيلىكنى يوقۇتۇش، پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىشنى بىلىش، پارتىيەگە تەشەككۈر ئېيتىش، پارتىيەگە ئەگىشىش، مۇقىملىقنى قوغداش» باش تېما قىلىنغان ماقاللىرىنى ئاممىباب تىل، جۇشقۇن-كۆتۈرەڭگۈ كەيپىيات، قىزغىن روھى ھالەت ئىچىدە ئوقۇپ، باھالىغۇچىلار ۋە تىڭشىغۇچىلارنىڭ يوقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

  بۇ مۇسابىقە كەسكىن رىقابەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى تۈرلۈك نوقتىلاردىن تەسىرلىك شەرھلىنىپ، پارتىيەگە چوڭقۇر تەشەككۈر بىلدۈرۈلدى. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن زىيانلىرى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىلدى. مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشىپ كۆرەش قىلىشقا چاقىرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر