باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نېفىت مەھسۇلاتىنى ئازايتىش كېلىشىمىنى ئۇزارتىش–ئۇزارتماسلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس

2017.03.28 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ئوپېك) ۋە ئوپېكقا قاتناشمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر 26- مارت كۇۋەيتتە يىغىن ئېچىپ، خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى ئازايتىش مۇساپىسىنى باھالىدى ھەمدە خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى ئازايتىشنىڭ دۇنيادىكى ئۈنۈمىگە ئاساسەن مەھسۇلاتنى ئازايتىش كېلىشىمىنى ئالتە ئاي ئۇزارتىش-ئۇزارتماسلىقنى قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بىرلەشمە كومىتېتى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمگە ئاكتىپ رىئايە قىلىپ، ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن مەمنۇن بولىدىغانلىقنى بىلدۈردى ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنى مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش نىشانىنى پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى نورۋاق مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ھەر قايسى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتنى كېمەيتىش ۋەدىسىنى ئىجرا قىلىش دەرىجىسى %94كە يەتتى، گەرچە مەھسۇلاتنى كېمەيتىش نىشانىنى پۈتۈنلەي ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدۋار بولساقمۇ، لېكىن خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى ئازايتىپ كېلىشىمىنى ئۇزارتىش– ئۇزارتماسلىقنى قارار قىلىش ھازىر يەنىلا بالدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر