باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىشكە قارىتا «13ـ بەش يىل»دا يەتتە خىل يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ

2017.03.29 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ «<13- بەش يىللىق> مەملىكەت بويىچە يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانى»نى ئېلان قىلىپ، 2020- يىلىغا بارغاندا، يود يېتىشمەسلىك خەۋپى ھالىتىنى سىجىل يوقىتىپ، ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان يەتتە خىل يەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىش نىشانىغا يېتىشنى بېكىتتى.

  يەرلىك كېسەللىكلەر بولسا بىيوگېيو خىمىيەلىك ئامىل، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلى قاتارلىق سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان يەرلىك خاراكتېرلىك يۈز بېرىدىغان كېسەللىك بولۇپ، نامرات رايونلاردا كۆپ يۈز بېرىدۇ. يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بولۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  «12- بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، ئېلىمىزنىڭ يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش تورى پەيدىنپەي مۇكەممەللەشتى. شۇنداقتىمۇ، دۆلىتىمىزنىڭ يەرلىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان تەبىئىي، جۇغراپىيەلىك مۇھىت شارائىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش تەس بولغاچقا، يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ زىيىنىنى كونتىرول قىلىش، تۈگىتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ۋەزىپە تېخى ئېغىر.

  «<ساغلام جۇڭگو -2030 > يىرىك پىلان پىروگراممىسى»دا، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش، نۇقتىلىق يەرلىك كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ۋە تۈگىتىش ھالىتىنى ساقلاش، يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئەمدى خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان نۇقتىلىق مەسىلە بولۇپ قالماسلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر