- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لېي فىڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتى ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشتى
2017.03.28 16:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام ئۇلۇغ خەۋىرى) 3-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسىى يېزا-بازار (باشقۇرۇش رايۇنى)لىرىدكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما، ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار ئۇمۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، «لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار مۇلازىمىتى» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى خەلىققە قولايلىق، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، خالىسانە تۆھپە قۇشۇش روھىنى نامايەن قىلدى. ھەر قايسىى ئۇرۇنلاردىكى پىدائىيلار ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ، ئىگە-چاقىسىز، ياشانغان، مېيىپ، ھامىلىدارلارغا خالىسانە ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
3-ئاينىڭ 20-كۈنى، چاغراق يېزىسىدىكى ئتتىپاق ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن «لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار ئەترىتى»دىكى ياشلار چاغراق كەنت 7-مەھەللىدىكى باققۇچىسى يوق 90 ياشلىق توختى يۇنۇسنىڭ ئائىلىسىدە ھويلا-ئارام ئىشلىرىنى قىلىپ بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر