خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 27- مارت چۈشتىن بۇرۇن ۋېللىنگتوندىكى زۇڭلى مەھكىمىسىدە يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى ئېنگلىش بىلەن سۆھبەتلەشتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو- يېڭى زېلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ھەمكارلىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، مول ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى. 2014- يىلى رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى زېلاندىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈردى. جۇڭگو- يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقى ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كەلدى، شۇنداقلا ئوخشىمىغان دۆلەت ئەھۋالى، ئوخشىمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنىڭ ئۈلگىسى دەپ ئاتىلىپ كەلدى. جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش داۋاملىق كۈچەيتىش، ھەر قايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، جۇڭگو- يېڭى زېلاندىيە ئومۇمىيۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە يېڭى قەدەم ئېلىشنى خالايدۇ.
لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو- يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ماسلىشىشچانلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيىتى زور، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكى روشەن. جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە بىلەن ھەمكارلىشىش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ،«1+3»دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىش يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىشنى خالايدۇ:«ئەلالاشتۇرۇلغان» ئەركىن سودا رايونى قۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئېچىۋىتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش؛ تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىگە باغلاش، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ھەمكارلىقىنى ئۈچ چوڭ ئېشىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قىلىپ، جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە ھەمكارلىقىنى كۆپ مەنبەلىك تايانچقا ئىگە قىلىش.«بىر بەلباغ بىر يول» ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىغا يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بېرىش كېرەك. بىرلىكتە تەتقىق قىلىش ۋە ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرلىنىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى كەسپ ھالىتى ۋە يېڭى سودا ئەندىزىسى بويىچە ھەمكارلىشىشقا يېتەكلەپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش. كېلمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ساھەسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش . يۇقىرى تېخنىكا، يۇقىرى قۇشۇلما قىممەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تولۇق كەسپ زەنجىرى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش. ساياھەت، مائارىپ ئىشلىرىدا ھەمكارلىشىش، ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ باردى-كەلدى ئىشلىرىنى قولايلىقلاشتۇرۇش، ئادىمىيەت ئالاقىسىغا يېڭى ئاساس سېلىش. ئەدلىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى