- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالدىنقى ئىككى ئايدا كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.5 ئاشتى
2017.03.28 16:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 27-مارت ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 1-،2-ئايدا مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.5 ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى بۇلتۇر 12-ئايدىكىدىن 29.2 پوئېنت تېزلەشكەن، بۇلتۇر بىر يىلنىڭكىدىن 23 پوئېنت تېز بولغان.
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى سانائەت مەھكىمىسى سانائەت ئۈنۈمى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خې پىڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، ھازىر سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىۋاتىدۇ. 1-، 2-ئايدا سانائەت پايدىسى بىر قەدەر تېز ئاشتى، خېلى كۆپ جايلار كۆمۈر، پولات ماتېرىيالى ۋە خام نېفىت قاتارلىقلار باھاسىنىڭ تېز ئۆسۈشىگە تاياندى. كۆمۈر، پولات-تۆمۈر ۋە نېفىت قېزىش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ پايدىسى بىر قەدەر تېز ئاشقان بولسىمۇ، ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىش ھېسابلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر