باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈ جېڭشېڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2017.03.28 16:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى نۇقتىئىي نەزەر يېڭى ئىدىيە يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دېموكراتىك نازارەتچىلىك سوتسىيالىستىك نازارەتچىلىك سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قازىنىش باسقۇچىدا دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تەدبىر بەلگىلەپ كۈچ قوشىشىدىكى جانلىق ئەمەلىيەت، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ فۇنكىتسىيەسىنى ئادا قىلىشتىكى نۇقتىلىق كۈچەش نۇقتىسى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنىڭ خاراكتېرى سىياسىي نازارەتچىلىك بولۇپ ماھىيىتى بىر خىل كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەتچىلىك. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئادىل، ئىناق، سەمىمىي، ئەمەلىي» بولۇش قارىشىنى تىكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئامما بىلەن قەلبداش بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىرادىسى ۋە تىرىشچانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، «تۆت ئاڭ»، «تۆت ئىشەنچ» نى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا تېخىمۇ قەتئىي مېڭىش كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالاقىدار يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ تەنقىدى نازارەتچىلىكىگە ئىجابىي مۇئامىلە قىلىپ، خىزمەتلەردە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بىرلىكسەپ تارماقلىرى ماسلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تاللاپ، خىزمەتلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك يۇقىرى سەۋىيەدە قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر