باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى باغۋەنلەر ياڭاقنى توردا سېتىپ كىرىمىنى ئاشۇردى

2017.03.27 16:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ شەھىرى توپۇلۇق يېزىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بوستانلىق بولۇپ، سۇ بايلىقى مول،كۈننىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك؛ 2015-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە يەرلىك جايلار ئۆزگىچە باغ ئورمانچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى؛ دېھقانلار ئىقتىسادىي ئۈنۈمى بىر قەدەر مۇقىم بولغان ھەمدە بوراندىن مۇداپىئە كۆرۈپ تۇپراقنى مۇستەھكەملەيدىغان ياڭاق كۆچىتىنى بەس بەستە تىكتى؛ جياڭ فېي ئائىلىسىمۇ كۆپ يىللاردىن بىرى كېۋەز تېرىپ كېلىۋاتقان 47 مو يېرىگە ياڭاق كۆچىتى تىكتى.

  2014-يىلى ئۇ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، خاڭجۇغا بېرىپ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىگە قاتناشتى؛ ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ، 2015-يىلى 4-ئايدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودىسى شىركىتى قۇرۇپ، ئاقسۇ شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى باغچە رايونىغا كىردى.

  نەتىجىدە ئۇ ياڭاقلىرى پىشىشتىن ئىلگىرىلا توردا زاكاز قىلىپ، ياخشى باھاغا ساتتى ھەمدە ئىچكى ئۆلكىلەردىن كۆپلىگەن خوجايىنلارنى چاقىرىپ كېلىپ ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشتى. ئۇ يەنە ئەتراپىدىكى نەچچە ئون دېھقان ئائىلىسىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى؛ تاۋباۋ تورىدا ئارقا ئارقىدىن تۆت دۇكان ئېچىپ، ھەر يىلى 30 مىڭدىن كۆپرەك زاكازنى بىر تەرەپ قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر