باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇپ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلماقتا

2017.03.27 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇ بايلىقى نىسبەتەن كەمچىل بولغان شىنجاڭدا مول بۇلۇت سىستېمىسى بايلىقى بار. بۇلۇت سىستېمىسىدىكى ئۆزگىرىش شارائىتىدىن پايدىلىنىپ سۈنئىي يامغۇر، قارنى كۆپەيتىش شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىكى جىددىي كېرەكلىك بولغان سۇنى تولۇقلاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ۋە بوستانلىقلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى قوغداشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇپ قالدى، بۇ ئارقىلىق شۇ جايدا 900 مىليون توننا سۇنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ.

  23-مارت دۇنيا ھاۋارايى كۈنى، بۇ يىللىق ھاۋارايى كۈنى-بۇلۇتقا قاراپ ھاۋارايىنى بىلىپ، بۇلۇتنى تېخىمۇ ئوبدان بىلىش-ھاۋا ئېقىمى ئۆزگىرىشىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە، كىلىمات ئۆزگىرىشى يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلىشقا پايدىلىق ،دېگەندىن ئىبارەت. ھاۋارايىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇلۇتنىڭ شىفىرىنى بىلگىلى، بۇنىڭغا سۈنئىي مەشغۇلاتنى قوشۇپ، ناچار ھاۋارايىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئاپەتنى ئازايتقىلى بولىدۇ. سۈنئىي يامغۇر، قار ياغدۇرۇش مەشغۇلاتىدا دەل بۇلۇت سىستېمىسىدىكى ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋايى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شوباۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش مەشغۇلاتىنىڭ كۆلىمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىر سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇش مەشغۇلات نۇقتىسىدىن 1297سى بار، بۇ شۇ جاينىڭ سۇ جىددىي ئېھتىياجىنى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر