باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نىڭشيا بۇ يىل يېزىلاردا 200 بالىلار ئائىلىسى قۇرىدۇ

2017.03.28 16:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، يېزىلاردىكى ئۆيلىرىدە قالغان بالىلار، قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، ئاسراش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل نىڭشيا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا-مەھەللىلەردە 200 بالىلار ئائىلىسى قۇرىدىكەن، ئاپتونوم رايون ھەر بىر بالىلار ئائىلىسىگە 50 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىدىكەن.

  قۇرۇلۇش لايىھەسىگە ئاساسەن، بالىلار ئائىلىلىرى يېزا بەخت ساناتورىيەسى قاتارلىق ھازىرقى بايلىقلارغا تايىنىپ قۇرۇلىدۇ، ئالدى بىلەن نىسبەتەن مەركەزلەشكەن، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى نىسبەتەن جىددىي بولغان جايلاردا قۇرۇلىدۇ. بالىلار ئائىلىسى پائالىيەت ئۆيلىرىنىڭ كۆلىمى 40 كىۋادرات مېتىردىن كەم بولماي، ئۆيلىرىدە قالغان بالىلار ۋە قىيىنچىلىقى بار بالىلارنىڭ پائالىيەت ئېھتىياجى ئاساسەن قاندۇرۇلىدۇ؛ تېلېۋىزور، بەلگىلىك ساندىكى كىتاب ۋە مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى سەپلىنىپ، ئۆيلىرىدە قالغان بالىلارنىڭ مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجى ئاساسەن قاندۇرۇلىدۇ؛ تېلېفون ياكى كومپيۇتېر قاتارلىق ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەر سەپلىنىپ، ئۆيلىرىدە قالغان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر