باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونۇم رايونىمىز «بۇلۇت بايلىقى»دىن پايدىلىنىپ، بىر يىلدىكى ھۆل-يېغىن مىقدارىنى 900 مىليون توننا ئاشۇردى

2017.03.27 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارىنى 900 مىليون توننا ئاشۇرۇش، بۇ دەل 2016- يىلى ئاپتونۇم رايونىمىز سۈنئىي ئۇسۇلدا ياغدۇرغان قار-يامغۇر ئومۇمى يېغىن مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ.

  قۇرغاق ھاۋا كىلىماتى ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئىزچىل كۆرۈنەرلىك زىيان سېلىپ كەلدى. بىراق شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ تاغ تىزمىسىنىڭ بۇلۇت سىستېمىسى بايلىقى ناھايىتى مول بولۇپ، بۇلۇت سىستېمىسى ھەر يىلى ئوتتۇرىچە ھېساپ بىلەن تەڭرى تېغى ۋە ئالتاي تېغىغا 92 قېتىم ، كوئېنلۇن تېغىغا 64 قېتىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  2016- يىلى ئاپتونۇم رايونىمىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ، سۈنئىي يامغۇرنىڭ تەسىر قىلىش دائىرىسىنى ئەسلىدىكى 170 مىڭ كۋادىرت كېلومېتىردىن 340 مىڭ كۋادىرات كېلومېتىرغا كېڭەيتتى ۋە يىللىق يېغىن مىقدارىنى 900 مىليون توننا ئاشۇردى.

  «13- بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، ئاپتونۇم رايونلۇق مېتىئورولوگىيە تارماقلىرى سۈنئىي ئۇسۇلدا يامغۇر يېغىن ياغدۇرۇش مەشغۇلات دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ، بولۇپمۇ ھۆل-يېغىن مىقدارى ئىنتايىن كەمچىل بولغان جەنۇبى شىنجاڭ رايونىنى «سۇ بىلەن تولۇقلاش»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر