باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يېڭى بىر ئەۋلاد ھېسابلاش بۇلۇت مەشغۇلات سىستېمىسى ئېلان قىلىندى

بىخەتەرلىك ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلدى

2017.03.27 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، ھېسابلاش بۇلۇت سىستېمىسى بارغانسېرى ئومۇملاشماقتا. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەشغۇلات سىستېمىسى بىخەتەر ۋە قولايلىقمۇ؟ يېقىندا, دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يادرولۇق تېخنىكىلار قوللىنىلغان يېڭى بىر ئەۋلاد ھېسابلاش بۇلۇت سىستېمىسى ئېلان قىلىندى، يېڭى سىستېمىدا بىخەتەرلىك، كېڭىيىشچانلىق قاتارلىق جەھەتلەردە زور دەرىجىدە ئېشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ مۇستەقىل، ئىشەنچلىك، بىخەتەر، مۇقىم بولغان ھېسابلاش بۇلۇت سىستېمىسىنىڭ يېڭى ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىن ئۈمىد بار.

  بۇ Cloudview SVM Edition V3 ناملىق ھېسابلاش بۇلۇت مەشغۇلات سىستېمىسىنى جوڭكې رۇيگۇاڭ يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شېركىتى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، جۇڭكې رۇيگاڭ شىركىتىنىڭ باش تېخنىكا ئەمەلدارى چېن خوڭنىڭ دېيىشىچە، بۇ مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە سىناق قىلىشتىن تېخنىكا مۇلازىمىتىگىچە، ھەممىسىنى جۇڭكې رۇيگۇاڭ تېخنىكا گۇرۇپپىسى تاماملىغان. جۇڭگونىڭ ھېسابلاش بۇلۇت سىستېمىسى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان، مەخسۇس تۈردە جۇڭگو ئابونتلىرى ئۈچۈن ياسالغان يېڭى بىر ئەۋلاد ھېسابلاش مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، ئۇ، مۇقىم، بىخەتەر, ئىشەنچلىك بولغان ھېسابلاش بۇلۇت مەشغۇلات سىستېمىسى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر