باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز 13 مىليون 954 مىڭ نوپۇسسىز كىشىنى نوپۇسقا ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان

2017.03.27 16:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز 13 مىليون 954 مىڭ نوپۇسسىز كىشىنى نوپۇسقا ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان، نوپۇسسىز كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلارغا قاتنىشىش، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى مەركەزنىڭ ئىسلاھات ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، جايلارنىڭ نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى يەنىمۇ تەڭشەش، مۇكەممەللەشتۈرۈش سىياسىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە بۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، تۇرۇش كىنىشكىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان. ھازىر مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش پىكىرىنى چىقارغان. مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئاھالىلەر كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان، مەملىكەت بويىچە باشقا جايدا بېجىرىلگەن كىملىك 5 مىليون 800 مىڭدىن ئاشقان.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئامانلىق ساقلاش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ يىل 7-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى كىملىكنى باشقا جايدا قوبۇل قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2 ، 3 يىل ئىچىدە نوپۇسسىز كىشىلەرنى نوپۇسقا ئېلىش مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر