باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لىن جېڭيۆئې شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5-نۆۋەتلىك باش مەمۇرلۇق نامزاتىغا سايلاندى

2017.03.27 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لىن جېڭيۆئې شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 26-مارت ئۆتكۈزگەن 5-نۆۋەتلىك باش مەمۇر سايلىمىدا، 777 ئۈنۈملۈك بېلەتكە ئېرىشىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5-نۆۋەتلىك باش مەمۇرلۇق نامزاتىغا سايلاندى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە، باش مەمۇر سايلام كومىتېتىنىڭ 1200 ئەزاسى كەينى-كەينىدىن شياڭگاڭ يىغىن، كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئاساسىي بېلەت تاشلاش پونكىتىغا كېلىپ، يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش شەكلىدە ئۈچ نامزاتقا بېلەت تاشلىدى.

  شياڭگاڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇر سايلاش نىزامىغا ئاساسەن، 600 دىن ئارتۇق ئۈنۈملۈك بېلەتكە ئېرىشكۈچى باش مەمۇرلۇق نامزاتىغا سايلىنىدۇ. سائەت 13 تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى سايلام باشقۇرۇش كومىتېتى لىن جېڭيۆئېنىڭ 777 بېلەتكە، زېڭ جۈنخۇانىڭ 365 بېلەتكە، خۇ گوشىڭنىڭ 21 بېلەتكە ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى. لىن جېڭيۆئې شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتقاندىن كېيىنكى تۇنجى ئايال باش مەمۇر نامزاتى بولۇپ قالدى.

  پۈتكۈل سايلام جەريانى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون سايلام باشقۇرۇش كومىتېتى، پاكلىق مەھكىمىسى، نامزاتلار بېلىتى نازارەت ۋاكالەتچىلىرى، جامائەت ۋە تاراتقۇلارنىڭ نازارىتىدە بولدى.

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، لىن جېڭيۆئې مەيداندىكى باش مەمۇر سايلام كومىتېتى ئەزالىرى ۋە شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىسى ۋەكىللىرىگە تەزىم قىلىپ رەھمىتىنى بىلدۈردى. زېڭ جۈنخۇا، خۇ گوشىڭ قاتارلىق ئىككى نامزات لىن جېڭيۆئې بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، قۇچاغلىشىپ تەبرىكلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر