باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيەدە ھەر يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغان ئادەمنىڭ سانى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 30 مىڭدىن ئاشتى

2017.03.27 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ئاھالىسىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، بۇ مەسىلە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە: 1998- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 مىڭدىن ئارتۇق ياپونىيەلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىكەن. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىر تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىقتىسادىي مەسىلە سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلارنىڭ سانى ئاران %20نى ئىگىلىگەن، %60ى تەن سالامەتلىكى ۋە خامۇشلۇق سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلار ئىكەن.

  دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى 12 يىلدىن بېرى، ياپونىيەدە ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 مىڭ ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان. بۇنىڭ ھەممىسى 1998- يىلى ياپونىيەدىكى نۇرغۇنلىغان بانكىلار تاقىلىدىغانلىقىنى جاكارلىشى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي چېكىنىشى ۋە ئەنئەنىۋى «ئۆمۈرلۈك تۈزۈم سىستېمىسى»نىڭ گۇمران بولۇشى قاتارلىقلاردىن كېيىن باشلانغان. شۇنىڭدىن باشلاپ 2010- يىلىغىچە بولغان 12 يىلچە ۋاقىت ئىچىدە، يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق، زامانىۋىيلاشقان ۋە باياشات بولغان ياپونىيەدە، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 مىڭ ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشنى تاللىغان. بۇ سان قاتناش ھادىسىدە ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ بەش ھەسسىدىن يۇقىرى بولغان.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، 2011- يىلقى دېڭىز تاشقىنىدىن كىيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلارنىڭ سانىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولغان. ئەينى ۋاقىتتا، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلارنىڭ سانى سەل تۆۋەنلىگەن. 2010- يىلى 31 مىڭ 690 ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان، 2011- يىلى 30 مىڭ 651 ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان، 2012- يىلى 27 مىڭ 858 ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان، 2013- يىلى 27 مىڭ 283 ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئىكەن. لېكىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلارنىڭ ئادەم سانى تۆۋەنلىشىنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن، بەلكىم دېڭىز تاشقىنى ۋە يەر تەۋرەشتە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلغاندىن كېيىن كىشىلەر ھاياتنىڭ مەنىسىنى قايتا ئويلىنىشقا باشلىغان بولۇشى مۇمكىن.

  ياپونىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ يېقىنقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىقتىسادىي مەسىلە سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچىنىڭ سانى ئاران %20نى ئىگىلىگەن، %60ى تەن سالامەتلىكى ۋە خامۇشلۇق سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشتىكى ھەقىقىي سەۋەب ناھايىتى مۇرەككەپ ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر