باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ يېڭى زېلاندىيەدىكى زىيارىتى دۇنياغا ئىجابىي سىگنال بېرىدۇ

2017.03.27 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي يېرىم شارغا جايلاشقان يېڭى زېلاندىيە غەرب بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىقىدىكى يېڭىلىقلارنى باشتا كۆرگۈچى، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا بىرىنچى بولۇپ كەلدى.

  زۇڭلى لى كېچياڭ پات ئارىدا يېڭى زىللاندىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. بۇ يىل دەل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەر ئۈچۈن يول ئاچىدىغان مۇھىم باسقۇچتا تۇرماقتا. بۇ قېتىمقى زىيارەت يېڭى دەۋرىدىكى جۇڭگو يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سەكرەش تىپىدە تەرەققىي قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان چوڭ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. يېڭى زېلاندىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە جەھەتتە تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ كەلدى، جۇڭگونىڭ تامامەن بازار ئىگىلىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلدى، ئىككى تەرەپلىك ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىغا كىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە 1-بولدى. بۇ ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، شۇنداقلا بۇ جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە كەلگۈسى مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.

  يېڭى زېلاندىيە جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان 21-ئەسىر يىپەك يولىنى تەبىئىي ئۇزارتتى، جۇڭگو يېڭى زېلاندىيەنىڭ بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قارىشى ئالىدۇ. بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە بۇنىڭدىن بالدۇرلا نەپ ئالدى. جۇڭگو يېڭى زېلاندىيەنىڭ 1-چوڭ ئېكسپورت نىشانى، 1-چوڭ ئىمپورت كېلىش مەنبەسى ۋە 1-چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ قالدى.

  جۇڭگو يېڭى زېلاندىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان دەرىجىدە تېز تەرەققىي قىلدى. مەلۇماتقا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى تەخمىنەن 14 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5كە يېقىن ئاشقان. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى تەسىس قىلغان ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنى 2020-يىلى تەخمىنەن 21 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش نىشانىغا قاراپ پۇختا ئىلگىرىلىمەكتە.

  مەدەنىيەت ساھەسىدە ئىككى دۆلەت نۇرغۇن تەرەپلەردە 1-بولدى. يېڭى زېلاندىيە تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بىلەن بىرلا ۋاقىتتا كىنو، تېلېۋىزىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان دۆلەت بولۇپ قالدى، جۇڭگو بىلەن نۇرغۇن كىنو تېلېۋىزىيە ھەمكارلىق تۈرلىرىنى قانات يايدۇردى. ئىككى تەرەپ 2-جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى، يېڭى زېلاندىيە ئىككى جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى قۇرغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالدى.

  ئىككى تەرەپنىڭ پائال تۈرتكىسىدە ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا ھۆكۈمەت بىلەن خەلق بىرگە ئۆتكۈزىدىغان، كۆپ تەرەپلەر قاتناشقان، ھەممە تەڭ لەززەت ئالىدىغان، ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى قۇرغاندىن باشقا، يېڭى زېلاندىيە يەنە پانۇس بايرىمى، جۇڭگو مەدەنىيەت ھەپتىلىكى قاتارلىق نۇرغۇن مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بارغانچە كۆپ يېڭى زىللاندىيەلىكلەرنى جۇڭگو مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ۋە ياقتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  جۇڭگو ئۇددا ئون نەچچە يىل يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئەڭ چوڭ چەتئەلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار كېلىش مەنبەسى بولۇپ قالدى. ئۆتكەن يىلى 31 مىڭ جۇڭگولۇق يېڭى زېلاندىيەدىكى تۈرلۈك مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا ئوقۇدى. جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە يېڭى زىللاندىيەدە ھەمكارلىشىپ ئۈچ كۇڭزى ئىنستىتۇتى ۋە 30 كۇڭزى دەرسخانىسى قۇردى. شۇ جايدىكى 300دىن ئارتۇق ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپتە خەنزۇ تىلى دەرسلىكى تەسىس قىلىندى، 40 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى خەنزۇ تىلى ئۆگەندى.

  ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقلىرى ئالدى بىلەن مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك مائارىپ ئالماشتۇرۇش كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، جۇڭگو بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، بولۇپمۇ جۇڭگو پۇقرالىرىدىن يېڭى زىللاندىيەگە بارىدىغانلار تېز كۆپەيدى، جۇڭگو يېڭى زېلاندىيەنىڭ 2-چوڭ چەتئەللىك ساياھەتچىلەر كېلىش مەنبەسى بولۇپ قالدى. يېڭى زېلاندىيەنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، جۇڭگودىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۆتكەن يىلى 400 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان، ھازىر ھەر ھەپتىدە 70 نەچچە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئىككى دۆلەتنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرى ئارىسىدا قاتنايدىكەن. جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، 2020-يىلى جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيەدىن ئېشىپ يېڭى زېلاندىيەنىڭ 1-چوڭ چەتئەل ساياھەتچىلىرى كېلىش مەنبەسى بولۇپ قېلىشىدىن ئۈمىد بار.

  بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆز-ئارا ئىشىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، بۇ قېتىمقى زىيارەت چەتئەللەرگە جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، تەڭ پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئىجابىي سىگنال بېرىدۇ، دۇنيا ۋە بۇ رايون ئەللىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر