- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگونىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى فىرانسىيەدە ساياھەت قىلىۋاتقان بىر جۇڭگو پۇقراسىنىڭ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى
2017.03.28 16:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ فىرانسىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى 27-مارت تور بېكىتىدە ئۇچۇر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: شۇ جاي ۋاقتى 26-مارت سائەت 20 ئەتراپىدا، پارىژنىڭ 19- رايونىدا بەختكە قارشى بىر ۋەقە يۈز بەردى، بىر جۇڭگو پۇقراسى فىرانسىيە ساقچىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.
جۇڭگونىڭ فىرانسىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى مۇنداق دېدى: مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئەلچىخانا دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويدى، كونسۇل بۆلۈمى دەرھال فىرانسىيە ساقچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى تېزدىن ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى.
خەۋەرگە قارىغاندا، فىرانسىيە ساقچى تەرەپ نۆۋەتتە فىرانسىيە ئەدلىيە ساقچىلىرى ۋە نازارەت ساقچىلىرىنىڭ ئارىلاشقانلىقىنى، ھازىر بۇ دېلونىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جۇڭگونىڭ فىرانسىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى فىرانسىيە تەرەپ بىلەن داۋاملىق قويۇق ئالاقىلىشىپ، فىرانسىيە تەرەپنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى تېزدىن ئېنىقلاپ، ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، كونسۇل بۆلۈمى خادىم ئەۋەتىپ، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى يوقلاپ، ھال سورىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر