باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇ خەيلۈن قارغىلىقتىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بىلەن سۆھبەتلەشتى

2017.03.27 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- مارت، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن قارغىلىقتىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتكە قاتناشقان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى فاڭجېن-سىياسەتلىرى، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، مەسچىت مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى كەڭ كۇشادە بايان قىلدى ۋە ئۆز ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان ئاممىنى پارتىيە-ھۆكۈمەت ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەپ، دىن ئىناقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىيلىك بىلەن قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  جۇ خەيلۈن ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرىدىغان، ۋەز-تەبلىغ خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسات ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر