باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ماداغاسقار زۇڭتۇڭى ئېيرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2017.03.28 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27-مارت خەلق سارىيىدا ماداغاسقار زۇڭتۇڭى ئېيرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-ماداغاسقار مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان 45 يىلدىن بۇيان، باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىدە ئۆزئارا چۈشىنىپ ۋە ئۆزئارا قوللىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقە كەيپىياتىنى ساقلاپ، ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، پارتىيە، يەرلىك قاتارلىق ھەرقايسى ساھە كىشىلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. جۇڭگو-ماداغاسقارنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش-ھەمكارلىشىشتىكى يوشۇرۇن كۈچى زور. جۇڭگو ماداغاسقار دائىرلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ماداغاسقارنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئافرىقىغا تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكلۈك ۋە تۈگۈنلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاشنى، ماداغاسقار بىلەن ئومۇميۈزلۈك شېرىكلىك-ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ھەم جۇڭگو-ئافرىقىنىڭ «10 چوڭ ھەمكارلىق پىلانى» ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىكى رامكا ئىچىدە ماداغاسقار دائىرلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  ماداغاسقارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى ۋە جۇڭگونىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ماداغاسقار دائىرلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش، مەبلەغ ۋە سودىنى قولايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تىرەكنى كۈچەپ قوللاپ، يېزا ئىگىلىكى، بېلىقچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ھەمكارلىشىشنى خالايمىز. ئىككى تەرەپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ كىشىلىرىنىڭ ئالاقىسىغا يەنىمۇ قولايلىق يارىتىشى كېرەك. ماداغاسقار بىلەن بولغان خەۋپسىزلىك، ساقچى ئىشلىرى، ئەدلىيە، قانۇن ئىجراسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايمىز. جۇڭگو ماداغاسقارنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللاپ، ماداغاسقار دائىرلىرى بىلەن كىلىمات ئۆزگۈرۈشى، ب د ت نىڭ 2030-يىللىق سىجىل تەرەققىيات قارالمىلىرى، ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى قاتارلىق چوڭ-چوڭ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشچانلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر