باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ئاقسارايدا «يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى» تەسىس قىلدى

2017.03.28 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، زۇڭتۇڭ دونالد ترامپ ئاقسارايدا «ئامېرىكا يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى» تەسىس قىلغان، بۇنىڭدا ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى، كۈيئوغلى جارېد كوشنېر مەسئۇل بولۇپ، سودا ساھەسىدىكى داھىيلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە تەكلىپىنى توپلاش ئارقىلىق، ترامپنىڭ نەزەرىدىكى ئىشتات ئېشىپ كەتكەن، ئىش ئۈنۈمى تۆۋەن، بيوكراتلىشىپ كەتكەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمنى ئىسلاھ قىلىدىكەن.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ترامپ بۇ ئىشخانىنى قۇرۇش ۋاقتىنى شۇ جاي ۋاقتى 27- مارت قىلىپ بېكىتكەن. ترامپ «يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى»غا زور ھوقۇق بېرىدىكەن، بيوكراتلىشىپ كەتكەن ئاپپاراتلارغا نىسبەتەن «زور ئۆزگەرتىش» قىلىدىكەن ھەم ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاش، ناركوز خاراكتېرلىك ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىغا خۇمار بولۇش ئەھۋالىنى تۈزەش قاتارلىق سايلامدا قىلغان مۇھىم ۋەدىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىكەن. كوشنېر «يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى»نىڭ مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ترامپقا بىۋاستە خىزمەت دوكلات قىلىدىكەن.

  ترامپ «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى»گە بەرگەن بىر باياناتىدا مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاپپاراتلىرىدىكى « ئىششىق» ھۆكۈمەت فونكسىيەسىنىڭ نورمال يۈرگۈزۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئومۇميۈزلۈك «توسۇلۇش» پەيدا قىلىپ، مەمۇرىي تەننەرخنى ئاشۇرۇۋېتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى. ترامپ سايلام رىقابىتىدە سودا بىلەن شۇغۇللانغاندا قوللانغان «مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشنى پۈتكۈزۈش، خامچوتتىن تۆۋەن بولۇش» تەپەككۈرىنى ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا قوللىنىشقا ۋەدە قىلغان.

  ترامپنىڭ تەسەۋۋۇرى بويىچە، «يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى» بىر «ئالاھىدە قورال ۋە تاكتىكا» بىلەن قوراللانغان ئاۋانگارت كوللىكتىپ. كوشنېر رەھبەرلىكىدىكى كوللىكتىپ ئىلگىرى خۇسۇسىي كارخانىلاردا يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى بولغان، ئۇلارنىڭ سىياسىي شۇغۇللانغانلىق تەجرىبىسى يوق، بىراق سودىغا ماھىر، يېڭى كۆزقاراشلارنى ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا تېزلا سىڭدۈرۈۋېتەلەيدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر