باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 2016- يىلى زەھەر ياساش ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش شايكىلىرىدىن 5459ىگە زەربە بەردى

ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەر چېكىشىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىدى

2017.03.28 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىقى زەھەر چەكلەش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2016- يىلى، دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلىرى زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، زەھەر ياساش ۋە ئەتكەسچىلىك قىلىشتەك تۈرلۈك قىلمىشلارنى تۈزەش دېگەندەك تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زەھەرنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلدى، لېكىن زەھەر چەكلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ ھالدا تۇرماقتا.

  2016- يىلى، مەملىكەت بويىچە بىر دېلونىڭ ئۆزىدىلا قولغا چۈشۈرۈلگەن زەھەرنىڭ مىقدارى بىر كىلوگىرامدىن يۇقىرى بولغان زەھەر دېلوسىدىن 5458ىنى پاش قىلىنىپ، زەھەر ياساش ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش شايكىلىرىدىن 5459ىگە زەربە بېرىلگەن. جۇڭگونىڭ زەھەر چەكلەش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ توردا زەھەر تازىلاش ھەرىكىتىدە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارىدىن 21 مىڭنى قولغا ئالغان، 10.8 توننا زەھەر ۋە 52 توننا ئاسان زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيەلىك بۇيۇملارنى قولغا چۈشۈرگەن، زەھەرگە چېتىشلىق 12 مىڭ دانە قانۇنسىز ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.

  نۆۋەتتە زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي مىقدارى بارا-بارا كۆپەيمەكتە، لېكىن، ياش-ئۆسمۈرلەردىكى ئادەم سانىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىگەن. 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ سانى ئىككى مىليون 505 مىڭ نەپەرگە يەتكەن بولۇپ (زەھەر تاشلىغىلى ئۈچ يىل بولۇپ قايتا چېكىش بايقالمىغانلارنىڭ سانى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ۋە چېگرادىن چىققانلارنىڭ سانى بۇنىڭ سىرتىدا)، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئاشقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە، 18 ياشقا توشمىغانلار 22 مىڭ نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، %0.9نى ئىگىلىگەن؛ 18 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ سانى بىر مىليون 464 مىڭ نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، %58.4نى ئىگىلىگەن؛ 36 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ سانى بىر مىليون ئۈچ مىڭ نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، %40نى ئىگىلىگەن؛ 60 ياشتىن يۇقىرى بولغان زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ سانى 16 مىڭ نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، %0.7نى ئىگىلىگەن ئىكەن. 2016- يىلى، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن بايقالغان 35 ياشتىن تۆۋەن بولغان زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ سانىنى يېڭىدىن بايقالغانلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى نىسبىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.6 تۆۋەنلىگەن، يېڭىدىن بايقالغان 35 ياشتىن تۆۋەن بولغان زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19 تۆۋەنلىگەن، تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن 35 ياشتىن تۆۋەن بولغان زەھەر چېكىدىغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.1 تۆۋەنلىگەن، ياش-ئۆسمۈرلەر زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر