باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋاكالىتەن بېقىش ئاپپاراتلىرىنى رەتكە سالدى

2017.03.28 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن مەملىكەتلىك ئىگە چاقىسىز سەرگەردان تىلەمچىلەرنى قۇتقۇزۇش باشقۇرۇش خىزمىتى تېلىۋىزىيە تېلىفون يىغىنىنى ئېچىپ، مەملىكەت تەۋەسىدە قۇتقۇزۇش ۋە ۋاكالىتەن بېقىش ئاپپاراتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ رەتكە سېلىش خىزمىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنفېڭ ناھىيەسى ليەنشى ۋاكالىتەن بېقىش مەركىزى خادىمىنىڭ قازا قىلىش ۋەقەسى جەمئىيەتتە كەڭ دىققەتنى قوزغىدى، قۇتقۇزۇش باشقۇرۇش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىدى، قۇتقۇزۇش ۋە ۋاكالىتەن بېقىش بەلگىلىمىلىرى بەزى جايلاردا ئەمەلىيلەشمىگەن، ۋاكالىتەن بېقىش ئاپپاراتلىرىنىڭ قاتتىق باشقۇرمىغان، ئۈنۈملۈك بولمىغان كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىغا قارىتا بەزى ھۆكۈمەت خادىملىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تىجارەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، شەخسى مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، قۇتقۇزۇلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن. جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە قۇتقۇزۇش باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى بۇ مەسىلىلەرگە بىۋاستە يۈزلىنىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ۋە رەتكە سېلىپ، ۋاكالىتەن بېقىش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلىرىنىڭ ۋاكالىتەن بېقىش مۇناسىۋىتىنى دەرھال توختىتىشى ھەمدە ھازىرقى ۋاكالىتەن بېقىلىۋاتقانلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇن ئىنتىزام بويىچە ئالاقىدار خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر