باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى كرىستىيان بىلەن سۆھبەتلەشتى

2017.03.28 16:53   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى كرىستىيان بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27-مارت «خەلق» سارىيىدا مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى كرىستىيان بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مىكرونېزىيە 2014-يىلى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا سىياسىي جەھەتتىكى ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى مۇھىم تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو ئەزەلدىنلا دۆلەتلەرنى چوڭ-كىچىك، باي-نامرات، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىمايدۇ، ھەممىسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باراۋەر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، تىنچ بىللە ئۆتۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىنى تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى رايونىدىكى ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى دەپ قارايدۇ، مىكرونېزىيە بىلەن يۇقىرى قاتلام ۋە ھەر دەرىجىلىك ئالاقىنى ساقلاپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە چوڭ ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يوشۇرۇن كۈچلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ساياھەتچىلىك، يېزا ئىگىلىكى، بېلىقچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بىز مىكرونېزىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، تەرەققىياتتىن تەڭ نەپ ئېلىپ، تەڭ بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئالقىشلايمىز. جۇڭگو مىكرونېزىيە بىلەن مەدەنىيەت، مائارىپ، ياشلار قاتارلىق ساھەلەر ھەم يەرلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇشتىكى ئۇچۇر سىستېمىسى قوزغىتىلدى 
    ·قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە بىرلەشمە …
    ·شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر يېڭىدىن 38 تولۇق كۇرس كەسپىنى كۆپەيتتى
    ·بۇ يىل تارباغاتاي ۋىلايىتىدە يېڭىدىن 128 قوش تىل يەسلىسى سېلىنىدۇ
    ·«بالىلار دوختۇرى كەمچىل»لىك ئەھۋالىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل 20 ئالىي مەكتەپتە بالىلار كېسەللىكلىرى…
    ·2016-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان سوئالىنىڭ زور كۆلەمدە ئاشكارىلىنىپ كېتىش دېلوسىغا خۇبېيدا سوت ئېچ…
    ·نامرات ئوقۇغۇچىلار كەسپىي مائارىپ ياردىمىگە ئېرىشتى 
    ·ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئىستۇدېنتلارغا خىزمەت ئىزدەش ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىت…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېيجىڭدا قېلىش نىسبىتى ئۇدا تۆت يىل % 50تىن …
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا 5435 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىنىدۇ