باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

زۇڭلى لى كېچياڭ ئاۋسترالىيەدە مول نەتىجىلىك زىيارەتتە بولدى

2017.03.28 16:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭلىسى تۇرۇنبۇلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 22-مارتتىن 26-مارتقىچە ئاۋسترالىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى، زىيارەت مەزگىلىدە لى كېچياڭ باش ۋالىي كوسگىروۋ بىلەن كۆرۈشتى، زۇڭلى تۇرۇنبۇل بىلەن بەشىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاۋسترالىيە زۇڭلىلىرى يىللىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى ھەمدە ئاۋسترالىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى ئەربابلار بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچراشتى، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى يەنە جۇڭگو ئاۋسترالىيە ئىقتىساد سودا ھەمكارلىق مۇنبىرى، 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاۋسترالىيە سودا سانائەت ساھەسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ۋە ئىككىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاۋسترالىيە ئۆلكە، ئىشتات مەسئۇللىرى مۇنبىرىگە قاتناشتى.

  ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى، داۋاملىق ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش پىرىنسىپى ئاساسىدا سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋە ئىستىراتېگيەلىك سۆزلىشىشى، ئىستىراتېگيەلىك ئىقتىسادىي سۆزلىشىش قاتارلىق 40 نەچچە ھۆكۈمەتلەر ئارا مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قوشۇلدى.

  ئىككى تەرەپ جۇڭگو ئاۋسترالىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا ئەركىن سودا گۈللەنگەن يېڭى دەۋرنى تىرىشىپ يارىتىشقا قوشۇلدى، ئىككى تەرەپ جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش پىلانى ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە بايلىقى، ئۇل ئەسلىھە، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى پائال كېڭەيتىدۇ.

  ئىككى تەرەپ مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، يەرلىكلەر ئالاقىسى، بىخەتەر قانۇن ئىجرا قىلىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، مۇداپىئە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئاسىيا،تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى، شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدىكى ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلدى.

  ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلەر ئارا ۋە سودا جەھەتتە بىر يۈرۈش ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ياراتتى، بۇ ئىقتىساد سودا مەبلەغ سېلىش، يېڭىلىق يارىتىش، يېزا ئىگىلىكى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، بىخەتەر قانۇن ئىجرا قىلىش، ساياھەت، مائارىپ قاتارلىق كەڭ ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر